ئويغان!  (1920) 
by ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
Latin script: Oyghan!

ھەي، پېقىر ئۇيغۇر، ئويغان، ئۇيقۇڭ يېتەر،
سەندە مال يوق، ئەمدى كەتسە جان كېتەر.
بۇ ئۆلۈمدىن ئۆزەڭنى قۇتقازمىساڭ،
ئاھ، سېنىڭ ھالىڭ خەتەر، ھالىڭ خەتەر.

قوپ! دېدىم، بېشىڭ كۆتەر، ئۇيقۇڭنى ئاچ!
رەقىبنىڭ بىشىنى كەس، قانىنى چاچ!
كۆز ئېچىپ ئەتراپقا ئوبدان باقمىساڭ،
ئۆلىسەن ئارماندا، بىر كۈن يوق ئىلاج.

ھېلىمۇ جانسىزغا ئوخشايدۇ تېنىڭ،
شۇڭا يوقمۇ ئانچە ئۆلۈمدىن غېمىڭ؟
چاقىرسام قىمىرلىمايلا ياتىسەن،
ئويغانماي ئۆلمەكچىمۇ سەن شۇ پېتىڭ؟

كۆزۈڭنى يوغان ئېچىپ ئەتراپقا باق،
ئۆز ئىستىقبالىڭ ھەققىدە ئويلان ئۇزاق.
كەتسە قولدىن بۇ غەنىمەت، پۇرسىتى،
كىلەچەك ئىشىڭ چاتاق، ئىشىڭ چاتاق.

ئېچىنار كۆڭلۈم ساڭا، ھەي ئۇيغۇرۇم،
سەبدىشىم، قىرىندىشىم، بىر تۇققۇنۇم.
كۆيۈنۈپ ھالىڭغا ئويغاتسام سېنى،
ئاڭلىمايسەن زادى، نېمە بولغىنىڭ؟!

كېلىدۇ بىر كۈن پۇشايمان قىلىسەن،
تەكتىگە گەپنىڭ شۇ چاغدا يېتىسەن.
«خەپ» دېسەڭ شۇ چاغدا ئۈلگۈرمەي قالۇر،
شۇندا، ئۇيغۇر، سۆزىگە تەن بېرىسەن.

1920 يىل


Public domain
This work is in the public domain in countries where the copyright term is the author's life plus 70 years or less. See Copyright.